جۇڭگو-موڭغۇلىيە قۇرۇقلۇق پورتىدا يۈك توشۇش جەھەتتە كۈچلۈك ئېشىش كۆرۈلدى

6051755da31024adbdbbd48a

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىمالىي جۇڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېرېنخوت پورتىدا بىر كىران كونتېينېرلارنى يۈكلەۋاتىدۇ. [سۈرەت/شىنخۇا]

خوخخوت – يەرلىك تاموژنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، شىمالىي جۇڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ئېرىنخوت قۇرۇقلۇق پورتى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا يۈك توشۇش ئىمپورت-ئېكىسپورت مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئاشقان.

بۇ مەزگىلدە پورت ئارقىلىق توشۇلغان يۈك توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 2 مىليون 580 مىڭ توننىغا يەتكەن، ئېكسپورت مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %78.5 ئېشىپ 333 مىڭ توننىغا يەتكەن.

«پورتنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى مېۋە-چېۋە، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاساسلىق ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى بولسا راپس، گۆش ۋە كۆمۈر» دېدى تاموژنا خادىمى ۋاڭ مايلى.

ئېرېنخوت پورتى جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە چېگراسىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق پورتى.

شىنخۇا | يېڭىلانغان ۋاقتى: 2021-03-17 11:19


ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى